پاش قىلىش سۇپىسى/ ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى

2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرى لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە ئەسەر توپلاش ئۇقتۇرۇشى

يوللانغان ۋاقتى :2016-04-01 18:53:12    |    يوللىغۇچى :توخنىياز ئىسمائىل   

  2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە ئەسەر توپلاش ئۇقتۇرۇشى

    ‹‹ئەتلەستىن چىققان تەڭرىتاغ ـــ 2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرى لايىھەلەش مۇسابىقىسى›› يېقىندا باشلىنىدۇ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتكە ئىجادىي لايىھە توپلىنىۋاتىدۇ، پۈتۈن مەملكەتتىكى لايىھەلەش ھەۋەسكارلىرىنى ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، گۈزەل ھەم سىرلىق شىنجاڭنىڭ ئەتلەس يىپەكلىرىنى لايىھە ئېلمېنتى قىلىپ، نەچچە مىڭ يىللىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەتلەسنى ھازىرقى بازارنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ، قاراقۇرۇم تېغى باغرىدىكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەتلەسچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرمەكچى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ياۋروپا-ئاسىيا كۆرگەزمىسى››دە 1-، 2-، 3-دەرىجە بويىچە باھالاپ چىقىلىپ، جەمئىي 200 مىڭ ئەتراپىدىكى پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇنىڭدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن تۆتى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 15 مىڭ يۈەن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئالتىسى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 8000 يۈەن، مۇنەۋۋەر مۇكاپات 12 بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 4000 يۈەن.

    بىرىنچى، مۇسابىقە باش تېمىسى

    زامانىۋىلىق، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات، ئەتلەستىن چىققان تەڭرىتاغ

    باش تېمىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

    زامانىۋىلىق: ئەنئەنىۋى ئەتلەسكە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت-سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئۇسۇللار بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئەتلەستىكى ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش.

    يېڭىلىق يارىتىش: ئەتلەسنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا، ماتېرىيال سۈپىتى، گۈل لايىھەسى ۋە مەھسۇلات لايىھەسى قاتارلىق جەھەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئىزدىنىپ، زامانىۋى ئامىللار بىلەن ئەنئەنىۋى ئەتلەس تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش.

    تەرەققىيات: خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى لايىھەلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ۋە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەتلىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەتلەس كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئەتلىسىنى شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ياقتۇرىدىغان شىنجاڭ سوۋغىسىغا ئايلاندۇرۇپ، سېتىش بازارلىرىنى ئېچىپ، ئەتلەسنى شىنجاڭ ھالقىپ مەملىكەتكە يۈلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش.

    ئىككىنچى، مۇسابىقە تەشكىلىي ئورگانلىرى

    ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار: ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى

    ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن: شىنجاڭ كىيىم لايىھەلىگۈچلەر جەمئىيىتى

    ھەمكارلاشقان ئورۇنلار: تەڭرىتاغ تورى، ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر

    ئۈچىنچى، مۇسابىقە ئوبيېكىتلىرى

    1 دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەسپىي لايىھەلىگۈچىلەر (چەت ئەللەر، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)

    2 پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لايىھەلەش ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى

    3. ھەرقايسى چوڭ كارخانا ۋە تەشكىلاتلار

    4. لايىھەلەش ھەۋەسكارلىرى

    تۆتىنچى، ئەسەر تەلىپى ۋە تۈرلىرى

    1. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەردە چوقۇم ئەتلەس ئامىللىرى ئىپادىلىنىشى، زامانىۋى مودا ئامىللىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەتلەس ئامىللىرى ئورگانىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەتلەسنىڭ زامانىۋى جەمئىيەتتىكى مودا ۋە رەڭدارلىقى نامايان قىلىنىشى كېرەك.

    2. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر ئىجادىيەتنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلىرىنى ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان بولۇشى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تېخنىكا پارامېتىرلىرى ۋە ئىجاد قىلىش تەرتىپىنى تەمىنلىشى، نىسبەتەن يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ياسىشىغا ماس كېلىشى كېرەك.

    3. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى

    (1) ئەتلەسنىڭ ماتېرىياللىرى ۋە گۈللىرىدە يېڭىلىق يارىتىش. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىجادىي لايىھەلەش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، توقۇمىچىلىك كەسپى تەرەققىي قىلغان ئىچكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەتلەس قول ھۈنىرىنى قوغداش ئاساسىدا، ئەتلەس توقۇش ھۈنىرى ۋە گۈل لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلاپ، ئەتلەسنىڭ شىنجاڭدىن ھالقىپ، مەملىكەتكە يۈزلىنىشىگە سۈپەت ئاساسى سېلىش كېرەك.

    (2) ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەر، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا يېڭىلىق يارىتىش. شىنجاڭنىڭ ئەتلىسى كىيىم-كېچەك پاسونى لايىھەسى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنە بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كىيىم-كېچەكلەر ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى لايىھەلەش ئېڭى، پاسونى، ئىشلىتىش قىممىتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەتلەسنى زامانىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت ئامىللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەم مودا، ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىشچان ھالغا ئەكىلىش كېرەك.

    بەشىنچى، مۇسابىقە كۈنتەرتىپى

    1. ئەسەر توپلاش ۋاقتى: 2016-يىل ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىجادىي لايىھە ئىختىساسلىقلىرى بۇ مەزگىلدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ماتېرىياللارنى رەتلىسە بولىدۇ.

    2. ئەسەر ۋە ماتېرىيال تاپشۇرۇش: 1-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرنىڭ رەڭلىك ئۈنۈم سۈرىتى، ‹‹مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تىزىملاش جەدۋىلى›› نى adlscts@163.com ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتسە بولىدۇ؛ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ئەسەر (ئەمەلىي بۇيۇم)، قەغەزلىك نۇسخىدىكى ‹‹مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى پوچتا ياكى ئۆز ئالدىغا پائالىيەت كومىتېتىغا يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

    3. تاللانغان ئەسەرلەرنى باھالاش ۋاقتى: 16-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى تاللاش ۋە باھالاشنى تاماملاپ، تاللانغان ئەسەرلەرنى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

    4. تاللانغان لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ نۇسخا تەييارلاش ۋاقتى: 20-ئىيۇلدىن 10-ئاۋغۇستقىچە.

    5. تاللانغان ئەسەرلەرنى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقىت چېكى: 17-ئاۋغۇست سائەت 24:00.

    6. توردا باھالاش ۋاقتى: 22-ئاۋغۇستتىن 31-ئاۋغۇستقىچە، تورداشلار مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تاللاپ چىققان ئەسەرلەرگە توردا بېلەت تاشلايدۇ.

    7. ئاخىرقى باھالاش ۋاقتى: 1-سېنتەبىردىن 2-سېنتەبىرگىچە، تەشكىلىي كومىتېت توردا باھالاش ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى مۇنەۋۋەر مەھسۇلاتنى باھالاپ چىقىدۇ.

    8. مۇكاپاتلاش ۋاقتى: ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

    ئالتىنچى، باھالاش ئۆلچىمى

    مەھسۇلات ئەتلەس ئېلېمېنتىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، رەخت ماتېرىيال سۈپىتى، گۈل لايىھەسى ۋە مەھسۇلات لايىھەسى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان، ئىجادىي، يېڭى، مودا بولۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا قولايلىق بولۇشى كېرەك.

    يەتتىنچى، مۇكاپات ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

    بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 30 مىڭ يۈەن (ئىككى نەپەر)

    ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 15 مىڭ يۈەن (تۆت نەپەر)

    ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 8000 يۈەن (ئالتە نەپەر)

    مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 4000 يۈەن (12 نەپەر)

    (يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى باجدىن ئىلگىرىكى سومما بولۇپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى شەخسلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.)

    سەككىزىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش قوللانمىسى

    1. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم تۆۋەندىكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك، شۇنداقلا 2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرى لايىھەلەش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى (adlscts@163.com)غا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

    ★ مۇسابىقىگە تىزىملاش جەدۋىلى: مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تىزىملاش جەدۋىلىنى ئايرىم بېسىپ چىقىرىپ، بىر پارچە رەڭلىك سۈرىتىنى قوشۇپ قويۇش كېرەك (تەپسىلىيسىنى قوشۇمچىدىن كۆرۈڭ)

    ★ رەڭلىك ئۈنۈم سۈرىتى.

    2. بارلىق مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار توشقۇزىدىغان ماتېرىياللىرى (شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك، ساختا ماتېرىيال تەمىنلىگەنلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

    3. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر شۇ كىشىنىڭ ئىجادىي لايىھەدىكى ئەسىرى بولۇشى، باشقىلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلمىغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال بايقالسا، تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

    4. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكى ۋە ئۈنۈم سۈرىتى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتلانغان ماھىرلار تىزىملىكى، ئەسەرلىرى تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدۇ.

    5. مۇكاپاتلانغان ماھىرلار مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك.

    6. باھالاش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇسابىقە نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇكاپاتلانغان ماھىرلار مەھسۇلاتىنى ئېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر ھەپتىلىك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، مۇكاپاتلانغان مەھسۇلاتىنى ياساش ھۈنىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كارخانىلار ۋە ئىش مەيدانلىرىغا قولمۇقول ئۆگىتىپ، مەھسۇلاتلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    7. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ، ئەسلىي نۇسخىسىنى ئۆزلىرى ساقلاپ قېلىشى كېرەك؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان تەييار مەھسۇلاتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەشكىلىي كومىتېتقا تەۋە بولىدۇ.

    8. تەشكىلىي كومىتېت تاراتقۇلارنى تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئەسەرلەرگە ماركا كۆچۈرىدۇ، ئەسەرلەرنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ، ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدە ئالاقىدار سۈرەت ۋە فىلىملەرنى ئىشلىتىدۇ، ھەرقانداق نەشر ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

    9. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ‹‹2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرى لايىھەلەش مۇسابىقىسى›› تەشكىلىي كومىتېتىغا تەۋە.

    ئالاقىلەشقۈچى: ۋاڭ لىمىن.

    ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: 8538528-0991، 13609901236

    ئېلخەت ئادرېسى: adlscts@163.com

    تېز يوللانما يەتكۈزۈش ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ يولى لۇڭچۈەن كوچىسى 68-نومۇر جۈنباڭ تەڭرىتاغ مېھمانخانىسى 16-قەۋەت شىنجاڭ كىيىم لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتى ئىشخانىسى

    2-نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى

    2016-يىل 30-مارت