پاش قىلىش سۇپىسى/ باش سۈرەت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بەش چوڭ يارقىن نۇقتىسى

يوللانغان ۋاقتى :2016-03-04 11:21:53    |    يوللىغۇچى :توخنىياز ئىسمائىل   

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يانفون تېرمىنالىدىن ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى كۆرمەكتە.

     ئۆز مۇخبىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن داغدۇغىلىق باشلاندى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى قاناللىرىنىڭ باش بەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قىزىللاشتى، بولۇپمۇ ‹‹13-بەش يىللىق پىلاننى جۇلالاندۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇش›› ناملىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مىكروبىلوگ، ئۈندىدار، يانفون ئابونتلار تېرمىنالى، يانفون گېزىتى قاتارلىق كۆپ خىل تارقىتىش شەكلى ۋە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ئالتە خىل تىلدا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى ئۆز ۋاقتىدا، تولۇق خەۋەر قىلىپ، بەش چوڭ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردى.

    ‹‹شىنجاڭ سىزنى مېھمانغا چىللايدۇ›› پائالىيىتى قىزىق نۇقتا بولدى

    تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئىككى يىغىن›› ھارپىسىدا ‹‹13-بەش يىللىق پىلان باھارى، شىنجاڭ سىزنى مېھمانغا چىللايدۇ›› تېمىسىدىكى پائالىيەتنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ھارپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىگە چوڭقۇر مىنەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەنىدى، بۇ پائالىيەت تەڭرىتاغ تورىنىڭ سۇپىلىرىدا تارقىتىلغاندىن باشقا، يەنە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ نۇرغۇن مۇھىم تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلىپ ئاكتىپ ئىنكاسلارنى قوزغىدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يانفون ئابونتلار تېرمىنالى، بۈگۈنكى فۇجيەن ئابونتلار تېرمىنالى، شەرقىي شىمال خەۋەر تورى، شەندۇڭ 24 سائەت ۋە سەنشى گېزىتى يانفون ئابونتلار تېرمىنالى قاتارلىقلار تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىجادىي H5 سىنى تارقاتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس بەتلىرىدە تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى تەۋسىيە قىلدى.

    ‹‹شىنجاڭلىقلارغا يۈرەك بېرىش››تىكى يۈرەك سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-پىلانى يېقىندىلا يۈز بەرگەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر تۆت قېرىنداشنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قوش تىلدىكى H5نى ياساپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى سۆزلەپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلىدى، تۈنۈگۈن سەھەردە تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۈچ سائەتتە 40 مىڭ قېتىمدەك ئوقۇلدى چۈشتىن كېيىن 4:00 تە 100 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. سائەت 21:00 گىچە، ئوقۇلۇشى 150 مىڭدىن ئاشتى.

    ئالتە خىل تىل ۋە كۆچمە تېرمىنالدا تولۇق مۇساپىلىك بىۋاسىتە تارقىتىش

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئاقچى ناھىيە قاراچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە ئامما تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى كۆردى.

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ كۆچمە تېرمىنالى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ تور تېلېۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە تىللاردىكى قاناللاردىمۇ ماس ۋاقىتتا تولۇق مۇساپىلىك بىۋاسىتە ئاڭلىتىش شەكلى ئارقىلىق يىغىننى كۆرسەتتى، يانفون تورى، كۆچمە تېرمىنال بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق يىغىننى خەۋەر قىلدى، كۆرگەن تورداشلارنىڭ سانى بىر مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

    ئۇيغۇرچە ئابونتلار يانفون تېرمىنالى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇھىم پائالىيەتنى تولۇق مۇساپىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشى ئۇتۇقلۇق بولدى، ‹‹ئىككى يىغىن›› سىن كۆرۈنۈشى، سۈرەتلەر بىۋاسىتە تارقىتىلىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە تورداشلارغا تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ يىغىننى چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىلدى، يەنە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر، نادىر ئۈزۈندىلەر ئارقىلىق ‹‹ئىككى يىغىن››غا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقاتتى.

    ئۇيغۇرچە ئىزدەش موتورىدا ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرى ئىزدەلدى

    ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى تور تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلار ۋە ئاممىسىنى توغرا، ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تەڭرىتاغ تورى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇيغۇرچە ئىزدەش موتورىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە بەتنىڭ ئۈستىدە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››، شىنجاڭ، 13-بەش يىللىق پىلان قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەر كۆرۈنىدىغان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئىزدىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

    ‹‹بىر مىكروبىلوگ، بىر ئۈندىدار، بىر ئابونتلار تېرمىنالى ۋە يانفون گېزىتى›› ‹‹ئىككى يىغىن››نى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلدى

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدارى، مىكروبىلوگ، ئاخبارات ئابونتلار تېرمىنالى، يانفون تورى ۋە مىكروژۇرنال، شۇنداقلا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە يانفون گېزىتىنىڭ ھەممىسىدە ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلدى، خەنزۇچە نۇسخىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوقۇلۇش سانى 150مىڭدىن، ئۇيغۇرچە، قازاقچى نۇسخىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش سانى بىر مىليوندىن ئاشتى.