پاش قىلىش سۇپىسى/ ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئىككى يىغىن مەخسۇس سەھىپىسى بۈگۈن رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى :2016-03-01 11:40:22    |    يوللىغۇچى :ئايگۈل   

    ئۆز مۇخبىرىمىز زاھىدە مۇتەللىپ خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئايرىم ھالدا 2016-يىل 3-مارت ۋە 5-مارتتا بېيجىڭدا ئېچىلىپ، 15-مارت ئاياغلىشىدۇ.

    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى كەڭ تورداشلارنى ئىككى يىغىن ئەھۋالىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، ئىككى يىغىن مەخسۇس سەھىپىسى ئاچتى. مەخسۇس سەھىپىگە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى كۈنتەرتىپى، بۇ ئىككى يىغىنغا ئالاقىدار مۇھىم خەۋەرلەر، رەھبەرلەر سۆزلىرى، ئەزالار ۋە ۋەكىللەر زىيارىتى، ئۇقتۇرۇشلار، قارالمىلار، تەكلىپ-تەۋسىيەلەر، ۋىلايەت-ئوبلاستلار سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار قويۇلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس سەھىپە بۈگۈن، يەنى 1-مارت رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

    تورداشلار تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى (http://uy.ts.cn) نىڭ ئىككى يىغىن مەخسۇس سەھىپىسىگە كىرىپ، ئىككى يىغىن ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولسا بولىدۇ.