پاش قىلىش سۇپىسى/ خىزمەت ھالىتى

تەشۋىقات-ئىدىيە-مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىجابىي ئېنىرگىيە تارقىتىلدى

يوللانغان ۋاقتى :2016-02-19 16:38:12    |    يوللىغۇچى :مەۋلۇدە   

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار زامانىۋى مەدەنيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «تېمىتىپ سۇغۇرۇش»تەك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىقات-ئىدىيە-مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ئىجابىي ئېنىرگىيە توپلاپ ۋە تارقىتىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچى نامايان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

    ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار ئىدېئولوگيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»فىلىملىرىنى ئىشلەپ، فىلىم دېسكىسىدىن 5100نى ۋە  دېھقان رەسساملارنىڭ «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»تېمىسىدىكى ئىجادىيەت رەسىملىرى قاتارلىقلار بولۇپ20نەچچە خىل تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن 28مىڭ يۈرۈش تارقىتىپ، ئاممىنى توغرا يولغا باشلىدى. «باھاردىكى جۇدۇن»، «ئايخان ئانا» ناملىق دىراممىلار ئىلى ئوبلاستىغا بېۋاستە قاراشلىق ناھىيە(شەھەر)لەردە 60نەچچە مەيدان ئوينالدى. «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»تېمىسىدىكى 13 ئېتۇت ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىككى ئېتۇت ئاپتونوم رايوننىڭ نادىر ئېتۇتلارنى سەييارە ئويناشقا قاتناشتۇرۇلدى. مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. 10 ناھىيە(شەھەر)دىكى يېزا، كەنتلەرگە رەقەملىك تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش پونكىتىدىن 74نى تولۇقلىدى. ئىلى تىياتىرخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا، ئىلى ئوبلاستلىق مۇزېي قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت بازىلىرى پۈتتى. 3355 ئوبلاست دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مەركىزى، كەنت دەرىجىلىك مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيى، ھويلا-ئاران كىتابخانىسى، مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 521كەنتتە چېنىقىش مەيدانى قۇرۇلدى. چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسۇللۇق تىياتىر «تۇلپار ناخشىسى»، مۇزىكىلىق تىياتىر«تەڭرىتاغ بۈركىتى جۇماتاي» ئوينالدى. «بايانداي»، «ئىلى دەرياسى»ناملىق كىنونى تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 12ناھىيە(شەھەر)دە ئۈندىدار سۇپىسى قۇرۇلۇپ، كۈنىگە 70نەچچە پارچە ئەسەر تارقىتىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قېتىم سانى 150مىڭ ئادەمگە يەتتى. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تور باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلىرى دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلدى.