پاش قىلىش سۇپىسى/ خىزمەت ھالىتى

ئۇچۇر ئالاقە تورى كۇچانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى

يوللانغان ۋاقتى :2016-02-19 16:28:50    |    يوللىغۇچى :مەۋلۇدە   

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە قۇرۇلۇشىنىڭ تىزلىشىشى3-كەسىپنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

    كۇچا ناھيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى مەركەز قىلغان 3-كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، بىر يىلدا سودا، قاتناش، ئۇچۇر ئالاقە، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا كەسىپلىرىنىڭ ياراتقان قوشۇلما قىممىتىنى 12 مىليارد210مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. جۇڭگو تېلېگرافى شۆبە شىركىتى كۇچانىڭ ئىقتىسادلىشىش تور قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، بۇ شىركەت «12-بەش يىل»دا 1 مىليارد 200مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر،بازارلاردا كەڭ بەلباغ تورىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغ تور قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى.كۇچاغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر قايسى ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تورنى ھەممە يەرگە يەتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش، توردا سودا قىلىش، ھەممە يېزا بازارلار تورغا چىقىش شارائىتىنى يارىتىش، كەنتلەردە تېلېفون ۋە يىراق مۇساپىلىك تور قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇچۇر ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى.

    