پاش قىلىش سۇپىسى/ ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى

2016-يىللىق توردا ئەسكەر قوبۇل قىلىش باشلاندى

يوللانغان ۋاقتى :2016-02-15 17:17:53    |    يوللىغۇچى :توخنىياز ئىسمائىل   

   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق ياشتىكى ياشلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تور بېكىتىنىڭ توردا ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش خىزمىتى 1-فېۋرال باشلاندى، بۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئىككى ئاي بۇرۇن بولدى. مەملىكەت بويىچە مۇۋاپىق ياشتىكى ئوغۇل ياشلار بۇ تور بېكىتىدە ئەسكەرلىككە تىزىملاتسا بولىدۇ، ئاندىن كېيىن ھەربىي خىزمەت ئورگانلىرى دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تور بېكىتى يەنە مۇۋاپىق ياشتىكى قىز ياشلارغا توردا ئەسكەر قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ.