پاش قىلىش سۇپىسى/ ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى

2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى 10-ئايدا جېجياڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى :2015-09-15 16:04:39    |    يوللىغۇچى :توخنىياز ئىسمائىل   

    جۇڭگو تورى، 15-سېنتەبىر خەۋىرى: جۇڭگو ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسى توڭشياڭ شەھىرىدىكى ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇرۇلتاي مۇخبىرلارنى تىزىملاش خىزمىتى 14-سېنتەبىر رەسمىي باشلىنىپ، 30-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى ‹‹ئىنتېرنېت ئالاقىسى، ئورتاق بەھرلىنىش ـــ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش››تىن ئىبارەت. مۇنبەردە باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئومۇمىي يىغىن، تور پۇل مۇئامىلىسى، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى، تور مەدەنىيىتى، ئىنتېرنېت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تارماق مۇنبەر پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.