پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاخبارات تېز يوللانمىسى

سۇغۇرتا كەسپى ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويدى

يوللانغان ۋاقتى :2015-08-07 16:03:31    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

نىجات قۇربان

   ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ سۇغۇرتا كەسپىگە بۆسۈپ كىردى. 2013 – يىلى تۇنجى ئىنتېرنېت سۇغۇرتا شىركىتى ‹‹جۇڭئەن›› سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يەنە ئىنتېرنېت سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ شىركەتنى تەستىقلىدى. كەسپىي زاتلار: بۇنداق يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىستېمالچىلارنى ۋاقىت ۋە ئورۇن چەكلىمىسى يوق ھالدا سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى سۇغۇرتا كارخانىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشتى، دەپ قارىدى.

   سۇغۇرتىنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەك؟

   ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تىجارەت زالىدىن سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندا توردىن سۇغۇرتا سېتىۋېلىشنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟ ئىگىلىشىمچە، رەسمىيەت ئاددىي بولۇش توردىن سۇغۇرتا سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ئىكەن. سۇغۇرتا سېتىۋالغۇچى توردا ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا توختامىنى توشقۇزۇپ ئادەتتىكى توردا مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش تەرتىپ بىلەن پۇل تاپشۇرسىلا بولىدىكەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر پارچە ئائىلە مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن جەريانغا ئۈچ مىنۇتلا كېتىدىغان بولۇپ، سۇغۇرتا توختامى ئەتىسىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

   توردا سۇغۇرتا سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇچۇر ئىنتايىن تولۇق بولۇپ، سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتى، خېرىدارلارنىڭ ھوقۇقى، سۇغۇرتا ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى توردىن ناھايىتى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشىمىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنى تاللىشى ۋە سېلىشتۇرۇشىمۇ ئىنتايىن قولايلىق. ئەمما ئەنئەنىۋى سېتىۋېلىش شەكلىگە قارىغاندا، توردا سۇغۇرتا سېتىۋېلىش كەمچىلىكلەردىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس.

   ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، تور ئارقىلىق سۇغۇرتا سېتىۋالغاندا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ ئىمزا قويۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا توختامى تەمىنلەپ بېرىلمەيدۇ ھەم خېرىدارلارمۇ تالون بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلالمايدۇ.

   ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، توردا سېتىشقا ھەممىدىن بەك ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى خېرىدارلار پىششىق بىلىدىغان، ئۆلچەملەشكەن، بىرلا خىل جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت. سۇغۇرتا ھەققى يۇقىرىراق، پايدا ئايرىش تىپىدىكى مۇرەككەپ سۇغۇرتا تۈرلىرىنى ئىستېمالچىلار ئەڭ ياخشىسى تىجارەت نۇقتىلىرىغا بېرىپ سېتىۋالغىنى ياخشى.

   سۇغۇرتا كەسپى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىشى كېرەك

  ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلار نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەكلىنى ئۆزگەرتكىنىگە ئوخشاش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ئادىتىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى بىرىنچىدىن، پۇقرالارنىڭ سۇغۇرتا ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر مەلۇم خىل سۇغۇرتا تۈرىنى تولۇق چۈشەنگەن چاغدىلا، ئاندىن تور ئارقىلىق بۇنداق سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى سېتىۋالىدۇ، كىشىلەرنىڭ بۇنداق سۇغۇرتىغا چۈشەنچىسى كەمچىل بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى ۋاكالەتچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئۈچىنچىدىن، سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىلا توردا سېتىۋېلىشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ، قىسمەن سۇغۇرتا تۈرلىرىدە پەرق بىر قەدەر زور.

   كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مال – مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىغا تايىنىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، زىيان تارتىش بېسىمى يۇقىرىلاپ كەتكەن، ئۆمۈر سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىدا بىر خىللىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، تەرەققىيات ئاستىلاپ كەتكەن. شۇڭا سۇغۇرتا كەسپى چوقۇم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماسلىشىپ، مۇرەككەپ مەھسۇلاتلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.