پاش قىلىش سۇپىسى/ ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى

ئالاقە تورى سۈرئىىتى تېزلىتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى :2015-07-08 11:25:04    |    يوللىغۇچى :توخنىياز   

    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنى ۋەدىسى بويىچە، پۈتۈن يىللىق ئالاقە تورى سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئاخىرىغىچە يانفون ئېقىم مىقدارى ۋە مۇقىم كەڭ بەلباغ، ئىدارىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كەڭ بەلباغنىڭ ئوتتۇرىچە ھەق ئېلىش سەۋىيەسىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 چۈشۈرۈپ بولۇشقا دەۋەت قىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنىرى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئاستا-ئاستا باشلاندى، مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، بۇ يىل تور قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 435 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن % 10 ئېشىشى مۇمكىن، كېيىنكى ئىككى يىلدا يەنە 700 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە ماشلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تېز ئىجرا قىلىدۇ؛ قەرەللىك ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش مېخانىمىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن، پۈتۈن يىللىق ئالاقە تورى سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تېلېگراف ساھەسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش باھا رىقابىتىنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم.