پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاخبارات تېز يوللانمىسى

ئالاقە تورىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاكتىپ كۈچلىرى تارقالدى

يوللانغان ۋاقتى :2015-07-06 11:35:52    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

تورداشلار گۇمىغا مەدەت بەردى،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى مەدھىيەلىدى

  لى لىن

   ‹‹خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 3 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن 6.5 بال يەر تەۋرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەركەزدىكى ئالاقىدار مىنستىرلىق، كومىتېت دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2 – دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. ئاپەت رەھىمسىز بولسىمۇ، جاھان مېھىر – شەپقەتكە تولغان. بىز ئاپەت بولغان رايونلارغا مەدەت بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ يۈرەك سادايىمىز ئارقىلىق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقە تورىدا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئارىسىدا يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك!››

   بۇ، ‹‹شىلاڭ›› شىنجاڭ گېزىتى ھۆكۈمەت بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان تەشەببۇسنامە. ئاپەت ئالدىدا تورداشلار گۇما ناھىيەسىگە مەدەت بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى مەدھىيەلەپ، ئالاقە تورىدا مېھىر – شەپقەت تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە مەدەت بەردى.

   ‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز كامىل››

   كونىلاردا: ‹‹ئاپەت ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئاپەت ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى تېخىمۇ نامايان قىلىندى، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى ئىپادىسىنى مەدھىيەلەيمىز!›› بۇ، تورداش ‹‹5646553549›› نىڭ مىكرو بىلوگدا قالدۇرغان سۆزى بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاپەتكە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مەدھىيەلىدى.

   ئاپەت ئالدىدا، ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا تېخىمۇ ئىشەندى ۋە ئۇنى ھىمايە قىلدى. تورداش ‹‹ئامان شىخەنزە›› مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشىنەيلى، قىيىنچىلىقىمىز ۋاقىتلىق››. تورداش ‹‹كونا ئورمان››: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ھەم تەرتىپلىك بولىدۇ››، دېدى. تورداش لى خەيۋېي: ‹‹ھۆكۈمىتىمىزدىن ئامما خاتىرجەم!››، دېدى.

   ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلار گۇما ناھىيەسىگە مەدەت بەردى

   يەر تەۋرىگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى تورداشلار بەس – بەستە گۇما ناھىيەسىدىكىلەرگە مەدەت بەردى. ‹‹خۇنەنلىك سىم – سىم يامغۇر›› مۇنداق دېدى: ‹‹ساڭا مەدەت، ئامان بولغايسەن!››. تورداش ‹‹چېن جياۋېي كىم›› مۇنداق دېدى: ‹‹ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمەن››. تورداش ‹‹قاشتېشى›› مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپەت رايونىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئامان بولۇشىغا تىلەكداشمەن، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تىلەكداش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.

   تورداش ‹‹يوپۇرماق – يىلتىزنىڭ مۇھەببىتى›› مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپەت ئالدىدا ھەر بىرىمىز قىلالايدىغان ئىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، كۈچ قوشۇپ، قۇتقۇزۇشقا تېزدىن ياردەم بېرىشتۇر››.

   تورداش ‹‹لۇ شىشىن››: ‹‹تەبىئىي ئاپەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەل ئارىسىدا ھەقىقىي مېھىر – شەپقەت بار، بىز جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەممىمىز شىنجاڭغا ياردەم بېرەيلى››.

   خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر، قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇلار شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. ئالتاي سىياسىي – قانۇن ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تورى: ‹‹خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى مەڭگۈ خەلق بىلەن بىللە، سىلەر جاپا چەكتىڭلار! سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!››، دېدى. تورداش ‹‹چىڭخەيلىك 67777››مۇ ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەڭ سۆيۈملۈك ھەربىيلىرىمىز، جاپا چەكتىڭلار!››