پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

بۇ يىل شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 57 ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

يوللانغان ۋاقتى :2015-07-01 12:28:59    |    يوللىغۇچى :ئايگۈل   

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 30-ئىيۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئىمتىھان قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىدىن جەمئىي 57نى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلغان. «دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇنىڭ ئىچدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 12 ئوقۇغۇچىنىڭ يەككە پەن ئىمتىھاندىكى نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان، كۆچۈرمىچىلىك قىلغان 45 ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسى بىراقلا نۆل قىلىنغان (تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىر يىلغىچە توختىتىلغان).

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى يېقىندا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق بۇ 57 ئوقۇغۇچىنى مەخسۇس ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇلارنىڭ سەمىمىيەت ئېلېكتىرونلۇق ئارخېپىغا كىرگۈزگەن.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ يەككە پەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىۋاتقاندا ياندىكىلەرنىڭ قەغىزىنى مارىلىغان، ئىمتىھان قەغىزىنى ئىمتىھان مەيدانى سىرتىغا ئېلىپ چىققان، بەلگىلىمە سىرتىدىكى بۇيۇملارنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرگەن، ئىمتىھان ئاياغلاشقانلىق سىگنالى بېرىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق جاۋاب يازغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    كۆچۈرمىچىلىك قىلىپ بارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسى نۆل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۇچۇر تارقىتىش-قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار ئۈسكۈنىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا كىرگەن؛ ساختا كىملىك ياسىتىپ، باشقا ئادەمنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈزگەن؛ سىمسىز نائۇشنىك تاقاپ ئۇچۇر قوبۇل قىلغان؛ كۆچۈرمىچىلىككە ئائىت نەرسىلەرنى تارقاتقان، قوبۇل قىلغان؛ چورنىۋاي قەغەزنى ئالماشتۇرغان؛ ئىمتىھان مەزمۇنىغا ئالاقىدار ماتېرىياللار بار ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.