پاش قىلىش سۇپىسى/ خىزمەت ھالىتى

«ئاقتۇ نۆل ئارىلىق» ئۇندىدار سۇپىسى تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭىلىق ياراتتى

يوللانغان ۋاقتى :2015-06-14 12:31:24    |    يوللىغۇچى :مەريەمگۈل   

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەلىك چارۋا مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن 2- تۈركۈمدە « ئۈچ ئەل » خىزمىتى بويىچە ئاقتالا چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ جان بۇلاق كەنتىگە چۈشكەن كادىر ئابدۇناسىر ئابلىز يېقىندا يانفونىغا « ئاقتۇ نۆل ئارىلىق » ئۈندىدار توپىنى قوشۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى ئۈندىدارنى ئېچىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭلىقلاردىن، « ئۈچ ئەل » پائالىيىتىدىكى ئىلغار تەجرىبىلەردىن ۋاقىتىدا خەۋەردار بولالايدىغان بولدى.

    ئۇقۇشىمچە، ئاقتۇ ناھىيەلىك تەشكىلات ، تەشۋىقات تارماقلىرى زامانىۋى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش ، « ئۈچ ئەل » خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا قولايلىق يارىتىش ، تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر يىل ئاخىرى « ئاقتۇ نۆل ئارىلىق » ئۈندىدار سۇپىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان ، مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقى، ئىقتىدارىنىڭ سەر خىللىقى ، پائالىيەتلىرىنىڭ موللىقى، تەھرىرلىنىشىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنى جەلپ قىلغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق ئاساسلىقى ناھىيە خەۋەرلىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ، ناھىيەدىكى تەرەققىيات ، ئۆزگىرىشلەر ، كادىر ۋە ئامما ئارىسىدىكى تەسىرلىك ئىش - ئىزلار ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ ، كادىرلارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.