پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا خىلاپلىق قىلغان 35 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى بايقالدى

يوللانغان ۋاقتى :2015-06-10 16:41:59    |    يوللىغۇچى :ئايگۈل   

   ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 9-ئىيۇن ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. مۇخبىرنىڭ 9-ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىمتىھان مەزگىلىدە قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 35 ئوقۇغۇچى بايقالغان ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

   «دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»غا ئاساسەن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ شۇ پەندىكى نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ؛ كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ بارلىق پەندىكى نەتىجىسى بىراقلا ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

   بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 58 ئىمتىھان نۇقتىسى، 6707 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، نەق مەيداننى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىدە نازارەت قىلىش، ئىمتىھاننىڭ پۈتۈن جەريانىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايلىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيتىگە ئاساسەن، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ: 9-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىدۇ؛ 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە نەتىجىلەر جەملىنىدۇ، قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى نومۇر قوشۇپ بېرىدىغانلارنىڭ ئىمتىھان نومۇرى ئىشلىنىدۇ، 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى ۋە ئورۇن رېتى ئېلان قىلىنىدۇ.

   مۆلچەرلىنىشىچە، 26-ئىيۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ؛ 20-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا ئارزۇ تولدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىكىلەرنىڭ  ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 28-ئىيۇن سائەت 20:00گىچە، باشقىلارنىڭ 1-ئىيۇل سائەت 20:00گىچە بولىدۇ؛ 6-ئىيۇلدىن سېنتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىلمەكچى بولسا «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»(www.xjzk.gov.cn) ياكى تېڭشۈن ئۈندىدار سۇپىسى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(新疆招生)»(ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304)غا كىرىش ئارقىلىق تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولسا بولىدۇ.