پاش قىلىش سۇپىسى/ خىزمەت ھالىتى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى تارقاتتى

يوللانغان ۋاقتى :2014-12-03 09:53:36    |    يوللىغۇچى :بۇئايشەم   

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دەپ ئېلىندى)نى تارقىتىپ، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، بەزى ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ مەزمۇننى ۋاقتىدا يېڭىلىماسلىق، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش، پىكىر – تەكلىپلەرگە جاۋاب بەرمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ‹‹پىكىر››دە تۆۋەندىكىدەك بەش جەھەتتىكى سىياسەت – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنى ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى تېخىمۇ ۋاقتىدا، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئېلان قىلىدىغان، ئۆزئارا پىكىرلىشىدىغان جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشى كۈچەيتىلىدۇ. ئۇچۇر تارقىتىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش كۈچەيتىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن چۈشەنچە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە ياخشى جاۋاب بېرىلىپ، ئۆزئارا پىكىرلىشىش كۈچەيتىلىدۇ. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، ھەمتۈرتكە خىزمەت مېخانىزمى تەسىس قىلىنىپ، تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش كۈچەيتىلىدۇ، چەت ئەل تىلى تور پونكىتلىرىنىڭ مەزمۇنى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. تۆتىنچى، ئۇچۇر مەزمۇنى بىلەن تىرەك بولۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۇچۇر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، تور ۋە توردىن باشقا ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، سىرتقى ھۆددە مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. بەشىنچى، تەشكىلىي كاپالەت كۈچەيتىلىدۇ. تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈجۈپىلەنگەن قۇرۇلۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تور پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، خادىملار ۋە خىراجەت كاپالەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ، باھالاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى ئارقىلىق ئامما بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىي پىكرى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەمتۈرتكە ئىستونى تەسىس قىلىپ، تور ئەھلىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار پىكىر – تەكلىپلەرگە يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا جاۋاب بېرىشى كېرەك، ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىرىغا جاۋاب بېرىشنى 15 خىزمەت كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمەت پونكىتلىرى ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى يىللىق باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇنلار، تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ نىشانلىق باھالاش ۋە نەتىجە – ئۈنۈم باھالاش مەزمۇنىنىڭ بىرى قىلىشى كېرەك.

    