پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاخبارات تېز يوللانمىسى

توردا يېمەكلىك، دورا سودىسى قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش چارىسى ھەققىدە جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىندى

يوللانغان ۋاقتى :2014-05-30 14:09:14    |    يوللىغۇچى :توخنىياز   

    دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن «ئېنتېرنېت تورىدا يېمەكلىك، دورا سودىسى قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» ھەققىدە جەمئىيەتتىن ئاشكارە پىكىر ئالدى. بۇ كۈنسېرى ئاۋاتلىشىۋاتقان ئېنتىرنېت تورى يېمەكلىك، دورا سودىسىنىڭ تايىنىدىغان قانۇن ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشقان ۋە قاتتىق بولغان نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    «ئېنتېرنېت تورىدا يېمەكلىك، دورا سودىسى قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنتېرنېت تورىدا يېمەكلىك، دورا سودىسى قىلىش ئېنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ئىستېمال قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك خۇرۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، دورا، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش ماشىنىلىرىنى سېتىشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە ئېنتېرنېت تورىدا يېمەكلىك، دورا سېتىشقا نازاراتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.