پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاخبارات تېز يوللانمىسى

دۇنيا مىقياسىدىكى % 43 تور ھۇجۇمى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن

يوللانغان ۋاقتى :2014-05-29 14:06:36    |    يوللىغۇچى :توخنىياز   

    بۇلۇت سۇپىسى ھېسابلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەش كارخانىسى Akamai ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى 4-پەسىلدە، يەرشارى مىقياسى بويىچە ئېلىپ بىرىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن، ئۇندىن باشقا، كورىيە ھېلىھەم دۇنيا بويىچە ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەت بولۇپ تۇرغان.

  Akamai تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 4-پەسىلدە يەرشارى بويىچە ئېنىقلانغان تور ھۇجۇمىنىڭ %43 ى جۇڭگودىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ نىسبىتى باشقا ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايوننىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق تور ھۇجۇمى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئالاقىدار دېگەنلىك ئەمەسكەن. Akamai تەرەپ پەقەت IP ئادرېسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە ئامالسىزكەن. مەسىلەن: بىر رۇسىيەلىك جىنايەت ئۇنسۇرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تور سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرىش ئارقىلىق، باشقا يەرلەرگە قارىتا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر 4-پەسىلدە، ئامېرىكا دۇنيادىكى بارلىق تور ھۇجۇمى مىقدارىنىڭ % 19 نى ئىگىلىگەن، كانادا % 10 نى ئىگىلىگەن، ھىندونېزىيە %5.7 نى، تەيۋەن %3.4 نى ئىگىلىگەن. ئومومەن ئالغاندا، Akamai تەرەپ بايقىغان ھۇجۇم مەنبەسىنىڭ ئادرېسى دۇنيادىكى 188 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.

  Akamai تەرەپ يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تور سۈرئىتىگە قارىتا سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بارغان. بۇلتۇر 4-پەسىلدە، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى %5.5 ئېشىپ، ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى 3.8Mbps گە يەتكەن. ئوتتۇرىچە چوققا قىممىتى %30 ئېشىپ، 23.2Mbps گە يەتكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيە ھازىرمۇ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز دۆلەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى 21.9Mbps گە يېتىدىكەن، چوقا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شياڭگاڭ بولۇپ، ئەڭ تېز تور سۈرئىتى 68Mbps گە يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى 10Mbps بولۇپ، چوققا قىممىتى 43.7Mbps ئىكەن.

  كۆچمە تېرمىنال جەھەتتىكى ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن قىممەت 0.6Mbps، ئەڭ يۇقىرى قىممەت 8.9Mbps بولغان. كۆچمە تور ئېقىم مىقدارىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى 4-پەسىل ئىچىدە، يەرشارى مىقياسىدىكى كۆچمە تور سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70 ئاشقان.