پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

تور جامائەت پىكرىنى ياخشى يېتەكلەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى :2013-11-27 14:45:14    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

   شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تاۋتور يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن قورال ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە كۆپ خىللىقى بىلەن ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورى يەنە بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان ۋاسىتىسىگە ئايلاندى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە مەكتەپ مۇھىتىغا ناچار تەسىر كۆرسەتتى.

   ياش ئوقۇغۇچىلار دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاز، ئىدىيەسى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئالاقە تورىدىكى ناچار ئۇچۇرلارنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئالاقە تورى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قانۇنسىز تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندى، ئۇلار ئەۋلادلارنى تالىشىشنى ئۆز كۈچىنى زورايتىش، بىز بىلەن ئۇزاققىچە كۈچ سىنىشىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلاپ، بار ئاماللار بىلەن مەقسەتلىك بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى قىلىپ ھەم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇش تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

   ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر جەزمەن ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، ماھىيەتنى تونۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. دەرسخانا تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا قارشى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاق – قارىنى، توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈشكە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە پايدىلىنىشىدىن ساقلىنىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، غايە تىكلەپ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىدە جەمئىيەتكە توغرا ئۇچۇر تارقىتىپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

   تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپ تورىدا تارقالغان ئۇچۇلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يان تېلېفون، ئالاقە تورى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، QQ توپى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ ئىغۋا تارقىتىش ۋە خاتا سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش كېرەك. جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرلىك، جانلىق، ئۈنۈملۈك يېڭى شەكلى، ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تور مەخسۇس ئىستونى، مۇنبىرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا توغرا ئىدىيە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى توغرا جامائەت پىكرى بىلەن يېتەكلەش كېرەك. جەمئىيەتتە تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، ۋەقەنى ئەينەن، ئوبيېكتىپ ئېلان قىلىپ، جامائەت پىكرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.