پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

ئالاقە تورىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلىش سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك

يوللانغان ۋاقتى :2013-10-25 15:08:01    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

سۈي يۈنيەن

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ خىللاشقان تور تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى زورىيىپ، تور ئابۇنىچىلىرى تېز كۆپەيدى، توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈش، پىتنە – ئىغۋا پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارمۇ باش كۆتۈرۈپ قالدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىنچ – ئىتتىپاق ئومۇمىيىتىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

  يېڭى ۋەزىيەتتە توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى تورغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتتى.

   22 – سېنتەبىردىن 29 – سېنتەبىرگىچە، مۇخبىر قەشقەر، خوتەن، تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلدى ھەم دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلدى.

   ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ توردا يامرىشىنى توسۇش كېرەك

   23 – سېنتەبىر، قەشقەر قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەت گۇماندارى ئاxx روھى چۈشكەن ھالدا نەچچە قېتىم كۆز يېشى قىلدى. ئۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. 15 –، 16 – ماي كۈنلىرى، ئۇ كۆرۈنمە چاستوتىدا تۆت كۆرۈنمە چاستوتا يۇمشاق دېتالىنى تەھرىرلەپ بىرلەشتۈرۈپ، باشقا تور بېكەتلىرىگە تارقاتقان، ئاندىن 30 QQ توپىدا ئۇلىنىش تور ئادرېسىنى ئېلان قىلغان. بۇ كۆرۈنمە چاستوتىلاردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان.

   قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى مەخمۇت مەمەت مۇنداق دېدى: ئاxx مەزمۇنىنى تەھرىرلەپ بىرلەشتۈرگەن ئەكسىيەتچىل كۆرۈنمە چاستوتا ھۆججەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى چېكىلىش سانى 1500 ئادەم / قېتىمغا، QQ توپىدا تارقىتىلىش سانى 11 ئادەم / قېتىمغا يەتكەن. ساقچىلار يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان رازۋېدكا قىلىپ ، 20 – ماي كەچتە ئاxxنى قولغا ئالغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تورغا چېتىلىدىغان دېلولارنى سادىر قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان ئىشسىزلار بولۇپ، ئۇلار توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقاتقان، كۆرگۈچىلەر 10 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ زىيىنى بەكمۇ زور بولماقتا.

   بۇ مەسئۇل خادىم يەنە مۇنداق دېدى: توردا ئۇيۇشتۇرۇش، ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىش قىلمىشلىرى ئېغىر بولماقتا، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان توردا دىن تارقىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، يولغا قويۇش دېلولىرى كۆپەيمەكتە.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى ھەم پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىمۇ تور نامىنى ئېنىق بېكىتىپ، تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى، شۇنداقلا توردىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

   ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە تەربىيەسىگە ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

   ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تور ئابۇنىچىلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، سىمسىز تورنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى پۈتۈن ۋىلايەت دائىرىسىگىچە كېڭەيگەن، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تور جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئىكەن.

   بۇ يىل 11 – ئىيۇل، تور ئابۇنىچىسىS بەيدۇ تورىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە چېتىلىدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىشقا قۇترىتىدىغان مەزمۇنلاردىكى كۆرۈنمە چاستوتىلىق ھۆججەتلەرنى تارقاتقان، كۆرگۈچىلەر 5100 ئادەم / قېتىمدىن، ساقلىۋالغۇچىلار 238 ئادەم / قېتىمدىن، چۈشۈرۈۋالغۇچىلار 1201 ئادەم / قېتىمدىن ئاشقان.

   دېلو بېجىرگۈچى ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، تور ئابۇنىچىسى Sنىڭ دۇنيا قارىشى تېخى شەكىللەنمىگەن، دىنغا بولغان چۈشەنچىسى مۈجمەل بولغانلىقتىن، ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە توردىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا دائىر پىكىر، كىتاب، كۆرۈنمە چاستوتىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دىنغا بولغان چۈشەنچىسى چەتنەپ كەتكەن. تور ئابۇنىچىسىS نىڭ يېشى 18گە توشمىغانلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەيزاۋات ناھىيەلىك ج خ ئورگانلىرى ئۇنى ئون كۈن مەمۇرىي جەھەتتە تۇتۇپ تۇرۇش، جازا ئىجرا قىلماسلىق، ھامىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا بۇيرۇشنى قارار قىلغان.

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى شۈتىڭ مۇنداق دېدى: تور ئابۇنىچىسى Sنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن مەسئۇلىيىتى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، ج خ ئورگانلىرى بەرگەن جازاسىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىش ئاساس قىلىنغان. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيەلەش، يېتەكلەش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   شۇ كۈنى مۇخبىر پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە زىيارەتتە بولدى. مەكتەپنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شۈخۇي مۇنداق دېدى: مەكتەپ بالىلارغا قەرەللىك ھالدا قانۇن – تۈزۈم دەرسى ئۆتۈپ، ئۇلارنى دىننى توغرا تونۇش، توردىن توغرا پايدىلىنىشقا يېتەكلىدى، ئەمما ئائىلىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زور بولىدۇ، بەش كۈنلۈك مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئائىلە، جەمئىيەت تۇرمۇشى ۋە تور مۇھىتى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن.

   قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن مىللىي يېزىقتىكى تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

   6 – ئىيۇل سائەت 16دە، پىچان ناھىيەسىدىكى تور ئابۇنىچىسى ئە XX ‹‹26 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى توغرىسىدا پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ، پاكىتنى بۇرمىلىغان. پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بويىچە ئۇنىڭغا ئون كۈنلۈك مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

   2010 – يىلى 6 – ئايدا، ئەXX باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر يىل يەتتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 27 – سېنتەبىر، مۇخبىر پىچان ناھىيەسىدە ئەXXنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەينى ۋاقىتتا توردا تارقاتقان مەزمۇنلارنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانىدىم، يارىلانغانلار سانىنى ئۆزۈم ئويدۇرۇپ چىقتىم. مەن پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم›› دېدى.

   خوتەن ناھىيەسىدىكى ئاXX تور دېتالى ئارقىلىق چەكتىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقاتقاندا، ئۆزى تارقاتقان ئېلېكتىرونلۇق دىنىي كىتابنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆز قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئەركىن سامساق مۇنداق دېدى: قانۇننى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىسەك بولمايدۇ. قانۇن يۈز بېرىپ بولغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى جازالايدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېخى يۈز بەرمىگەن قانۇنسىز قىلمىشلارغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

   قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: تور جىنايىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە توردا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەشتە تېخنىكا، قانۇن، مەمۇرىي ۋاسىتىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئالاقە تورىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، توردا قانۇنلۇق، ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقان، ساغلام مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش، قانۇنغا خىلاپ، كىشىلەرگە زىيانلىق مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشقا بوشلۇق ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك. 