پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

توردا قانۇنسىز دورا ساتقانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى :2013-10-24 14:53:55    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

   نۇرغۇن تارماق توردا قانۇنسىز دورا ساتقانلارغا بىرلىكتە كۆپ قېتىم زەربە بەردى. توردا قانۇنسىز دورا سېتىش كۆپ قېتىم چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن، تېخى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. توردا قانۇنسىز دورا سېتىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەش زادى قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا نۇقسانلار كۆپ بولۇپ، چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈنۈم بەرمىگەن.

   دۆلىتىمىز 2004 – يىلىلا ‹‹ئالاقە تورىدىكى دورا ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، توردا دورا سېتىشنى قاتتىق تىزگىنلىگەن. بۇ ‹‹چارە››نىڭ يولغا قويۇلغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، دورا سېتىش سالاھىيىتى يوق بەزى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن يەنىلا توردا قانۇنسىز دورا سېتىۋاتىدۇ؟ ئەمەلىي مەشغۇلاتتىن ئېيتقاندا، توردا تارقىتىلغان ئۇچۇرلار ھەددى – ھېسابسىز كۆپ بولغاچقا، ساختا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تولىمۇ قىيىن. قانۇنسىز تور بېكەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بەزىلەر چەت ئەل ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن يېڭى تور ئادرېسى ئىلتىماس قىلىش ياكى تور بېتى شىركەتلىرىدە يېڭى تور بېتى ياساش ئارقىلىق، قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. توردا دورا سېتىشنى تەرتىپكە سېلىشتا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىنىمۇ تولۇق كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەقىقىي دورا دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رېتسېپلىق دورىلارنى سېتىۋېلىش ھالقىلىرىنى ئىخچاملاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ توردا قانۇنسىز دورا سېتىۋېلىشىنى ئازايتىپ، دورا ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى توردا قانۇنسىز دورا ساتقانلارنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، توردا بىخەتەر دورا سېتىۋېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى