پاش قىلىش سۇپىسى/ ئاشكارىلاش سەھنىسى

تور پىتنە–ئىغۋا يامرايدىغان تۇپراققا ئايلىنىپ قالمىسۇن

يوللانغان ۋاقتى :2013-10-24 14:53:48    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

   تاراتقۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق تور ئەھلىنى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، توغرىدەك بىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ناتوغرا، ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن كىشىنى قورقۇتىدىغان ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر قىلىش ھازىر خېلى تەسكە توختايدۇ. يامان غەرەزدە پىتنە – ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەي، تورنى پىتنە – ئىغۋانى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، توردا ئىغۋا تارقىتىدىغانلارنى قانۇن ئارقىلىق قاتتىق چەكلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

   يېقىندا ‹‹ئالتە جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ، شىجياجۇاڭدا قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە 78 ئايالنى ئۆلتۈردى، جىنايەتچىلەر ھازىر نىڭشياغا كەلدى... كۆپچىلىك كەچتە سىرتقا چىقماي، ئۆيىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار››، دەپ يېزىلغان چاپلىما نىڭشيادىكى ئۈندىدار، مۇنبەر ۋە QQ توپلىرىدا پەيدا بولغان، بەزى تور ئەھلى بۇ ئىغۋاغا ئىشىنىپ ھە دەپ تارقاتقان. پەقەت ئورنىلا ئۆزگەرتىلىپ، ۋاقتى ئۆزگەرتىلمىگەن بۇ بايان ئىلگىرى گۈيجۇ، ئەنخۇي، خېبېي قاتارلىق جايلاردا ‹‹كۆرۈلگەن››، گەرچە جايلاردىكى نوپۇزلۇق تارماقلار رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشى ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ راست – يالغانلىقىغا قارىماي، تارقاتقۇچىغا ئەگىشىپ بەس – بەستە تارقاتقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى مۇنداق دېدى: تور قانۇندىن ھالقىغان جاي ئەمەس. تور قولاي ۋە نامسىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، پىتنە – ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنىڭ ئىغۋا تارقىتىشتىكى ئالدىن تاللايدىغان قورالى بولۇپ قالدى، پەقەت قانۇننىڭ نوپۇزى ئارقىلىق مەۋھۇم دۇنيانى چەكلىگەندىلا، توردىكى پىتنە – ئىغۋالارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى مەنبەدىن توسىغىلى بولىدۇ.