پاش قىلىش سۇپىسى/ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشمۇ جىنايەت

يوللانغان ۋاقتى :2013-07-15 11:39:35    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

  مۇھەممەد نىياز

   يېقىندىن بۇيان قىسمەن كىشىلەر ئالاقە تورىدا ئىغۋا توقۇپ ۋە تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى مەسىلىلەرگە خاتا ھۆكۈم قىلىشقا قۇترىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك ساقلاش، ئىغۋا تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تور ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانۇن ئورگانلىرى توردا ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا تېگىشلىك جازا بەردى.

   ئىغۋا توقۇماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى چىڭ تۇرىدىغان ئەخلاق مىزانى. ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى روھىي ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، تىنچ ۋەزىيەتگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە ئىغۋا تارقىتىش ھەممىمىزنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق ۋە ئىغۋا توقۇشقا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلىغانلىق، ھەر مىللەت خەلققە مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى ياراتقانلىق بولىدۇ.

   قانۇن ئورگانلىرى تېخنىكا ۋە قانۇن ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، تورنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتسە، ھەر مىللەت ئاممىمۇ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تور ئۇچۇرلىرىنىڭ راست – يالغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلسا ھەم پىتنە – ئىغۋا تارقاتقانلارنى دادىل پاش قىلسا، مۇقەررەركى بەزى ۋەقەلەردىن ساقلانغىلى، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىرىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن باشلاپ، ئىغۋا توقۇماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا سەگەك بولۇپ، مەسىلىلەرگە ئەمەلىي ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتساقلا، مۇقىم، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتالايمىز.

   دۆلەت تىنچ بولمىسا، ئائىلە خاتىرجەم بولمايدۇ؛ ئائىلە خاتىرجەم بولمىسا، ياخشى كۈن كەچۈرگىلى بولمايدۇ. مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ھەقىقىي ساقلىغاندىلا، تۇرمۇشىمىز بەختلىك، خاتىرجەم كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق جامائەت پىكرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق رولىنى ۋاقتىدا، تولۇق جارى قىلدۇرۇش جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشكە پايدىلىق.