پاش قىلىش سۇپىسى/ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

‹‹مەن كۆرسەتكەن، مەن باھالىغان ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق››تېمىسىدىكى توردا باھالاشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

يوللانغان ۋاقتى :2013-04-09 15:47:55    |    يوللىغۇچى :ئامانگۈل   

ئەنۋەر مەنسۇر،گاۋ كېمىڭ قاتارلىق  25 كىشى 3–ئايدىكى‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق››بولۇپ باھالاندى

    شىن ۋېنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، تەڭرىتاغ تورى بىلەن شىنجاڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك تورى ئۈستىگە ئالغان ‹‹مەن كۆرسەتكەن، مەن باھالىغان ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› تېمىسىدىكى توردا باھالاشنىڭ 3 – ئايلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. خۇسۇسىي ئاپتوموبىلنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلەتكەن ئەنۋەر مەنسۇر، ئۆزىنى يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، 40 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن گاۋ كېمىڭ بوۋاي قاتارلىق 25 كىشى شۇ ئايلىق ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› بولۇپ باھالاندى.

   مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ‹‹شىنجاڭچە روھ››نى نامايان قىلغان، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۆرسەتكەن، جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن زور بىر تۈركۈم ‹‹ئەڭ گۈزەل شەخس›› بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ زېمىنىدا ‹‹ئەڭ مۇڭلۇق ئاۋاز››نى ياڭرىتىپ، ‹‹ئەڭ گۈزەل روھ››نى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى 6 – مارتتىن باشلاپ تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك تورىدا ‹‹مەن كۆرسەتكەن، مەن باھالىغان ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› تېمىسىدىكى توردا باھالاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. 26 – مارتقا قەدەر بېرىلگەن ئومۇمىي ئاۋاز سانى 2 مىليون 281 مىڭ 507گە يېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئالدىنقى 25 نامزات 3 – ئايلىق ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› بولۇپ باھالاندى.

   ‹‹مەن كۆرسەتكەن، مەن باھالىغان ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› تېمىسىدىكى توردا باھالاش پائالىيىتى بۇ يىل 3 – ئايدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئايدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر 130 نەچچە نامزات ‹‹مەن كۆرسەتكەن، مەن باھالىغان ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› تېمىسىدىكى توردا باھالاشقا قاتناشتى.