پاش قىلىش سۇپىسى/ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

‹‹2012–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››لەرنى توردا باھالاشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

يوللانغان ۋاقتى :2013-01-16 15:04:15    |    يوللىغۇچى :قۇربانجان   

    ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلەتكەن خوتەنلىك تاغا›› بۇ شەرەپكە نائىل بولدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15–يانۋار تېلېگراممىسى. ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلەتكەن›› خوتەنلىك ئەنۋەر مەنسۇر 15–يانۋار چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سەھنىسىگە چىقتى، ئارقىسىدىكى ئېكراندا ئۇنىڭ باشقىلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە دائىر ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم قويۇلۇۋاتاتتى. ئۇ گو مىڭيى ئەپەندىنىڭ قولىدىن ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. 2012–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس›› مۇكاپاتى لوڭقىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

    تورداشلار تەرىپىدىن ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلەتكەن تاغا›› دەپ ئاتالغان ئەنۋەر مەنسۇر خوتەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئىشچىسى. بەش يىلدىن بۇيان ئۇ ياشانغان، ئاجىز، كېسەل يولۇچىلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن 10 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ھەقسىز توشۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىكى كۆچمە بايراققا ئايلاندى.

    شىنجاڭدىن تۆت كىشى 2012–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇلار قەشقەردىكى مېيىپلەرنىڭ دوستى ليۇ يۇڭ، خۇبېي جىڭجۇدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزغان 17 ياشلىق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى مەردان، ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلەتكەن›› خوتەنلىك ئەنۋەر مەنسۇر، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ‹‹قەبرىستانلىقنى قوغدىغۇچى پېشقەدەم ئەسكەر›› ئۆمەر ھېيت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    ئىگىلىنىشىچە، كاۋاپچى ئالىم خالىق 2010–يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. 2010–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››لەرنى توردا باھالاشتا سايلانغان، ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن توردا ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىغان. 2011–يىلى ئىلى ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە يېزا مۇيىنگۈزەر كەنتىدىكى كۆۋرۈك ياسىغان 80 ياشلىق بوۋاي ئىنايەت ئىسلام ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى 2011–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››لەرنى باھالاشتا ئون شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

    