پاش قىلىش سۇپىسى/ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2012–يىل›› تور شەخسلىرىنى باھالاش داۋاملاشماقتا

يوللانغان ۋاقتى :2012-12-20 16:12:37    |    يوللىغۇچى :قۇربانجان   

    

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەشەببۇس قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2012– يىل›› تور شەخسلىرىنى باھالاش 1–دېكابىر باشلانغان، 20–دېكابىر ئاخىرلىشىدۇ. شىنخۇا تورى، تېڭشۈن تورى قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلىرى، مىكرو بىلوگ شۇنداقلا يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ بېلەت تاشلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان تۆت نامزات ئېرىشكەن بېلەت سانىدا ۋاقتىنچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

    ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2012–يىل›› نامزاتلىرى تۆت پەسىللىك توردىكى باھالاشتا بارلىققا كەلگەن 40 نامزات ۋە باھالاش كومىتېتى تەۋسىيە قىلغان 20 نامزاتتىن تەركىب تاپقان، ئاخىرى تاللىنىدىغان ئون شەخس(گۇرۇپپا) تور ئەھلى تاشلىغان بېلەت بىلەن مۇتەخەسسىس، تاراتقۇلاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش ئۆمىكى تاشلىغان بېلەت سانىغا ئاساسەن سايلاپ چىقىلىدۇ.

    تەڭرىتاغ تورى ئاپتونوم رايونىمىزدىن تور تاراتقۇلىرىنىڭ نامزاتلارنى كۆرسىتىش جەريانىغا قاتناشقان بىردىنبىر تور بېكىتى بولۇپ، تەڭرىتاغ تورى تەۋسىيە قىلغان تۆت نامزات، يەنى مېيىپلەرنىڭ دوستى ليۇ يوڭ، ‹‹90–يىللاردا تۇغۇلغان مەردانە يىگىت›› مەردان، شەخسىي ئاپتوموبىلىنى جامائەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن ئەنۋەر مەنسۇر، ‹‹قەبرە ساقلىغۇچى پېشقەدەم ئەسكەر›› ئۆمەر ھېيت تاللاش دائىرىسىگە كىردى.

    