پاش قىلىش سۇپىسى/ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ

يوللانغان ۋاقتى :2012-09-20 11:23:16    |    يوللىغۇچى :ئايگۈل   

   تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت قوش دەم ئېلىش كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەگەر ئىككى بايرام مەزگىلىدە سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز، 19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلسىڭىز بولىدۇ.

   تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پويىزغا چىقماقچى بولغانلار 12 كۈن بۇرۇن www.12306.cn  تورىغا چىقىپ ياكى 95105105 غا تېلېفون ئۇرۇپ بېلەت زاكاز قىلسا بولىدىكەن.